Chinese→Uyghur主要词典
神经类型
پسىخولوگىيە
نېرۋا تىپلىرى
بۇ نېرۋا ئالىي پائالىيىتى تىپىدىن ئىبارەت. ئۇ ئاساسىي نېرۋا جەريانلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ ئوخشاش بڭلمىغان بىرىكىشلىرىگە ئاساسلىنىپ ئايرىلغان تىپلاردۇر. رۇسسىيە فىزىئولوگى پاۋلوۋ يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ئاساسىي نېرۋا جەريانلىرىنىڭ ئۈچ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بايقىغان، يەنى كۈچلۈكلۈك، ئىلداملىق ۋە بۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى تەڭپۇقلۇق. پاۋلوۋ ئاساسىي نېرۋا جەريانىنىڭ ئۈچ خىل ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان بىرىكىشىگە ئاساسلىنىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىنى بىر قانچە تىپلارغا بۆلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق تىپ تۆۋەندىكى 4 خىلدىن ئىبارەت: (1) ئاجىز تىپ (تورمۇز تىپى)؛ (2) كۈچلۈك ئەمما تەڭپۇڭسىز قوزغىلىشچان تىپ (تورمۇزلانماس تىپ)؛ (3) كۈچلۈك، ئەمما تەڭپۇقلۇق ھەم ئىلدام تىپ؛ (4) كۈچلۈك ئەمما تەڭپۇقلۇق، ئېغىر بېسىق تىپ. نېرۋا تىپلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىرسىيەت ئاساسى بولىدۇ. شۇنىڭدەك كېيىنكى شارائىت تەسىرىمۇ بولىدۇ. پاۋلوۋ، ھايۋانلاردا ئېنىقلانغان ئالىي دەرىجىلىك نېرۋا پائالىيىتى تىپلىرىنى ئادەملەرگە تەتبىقلاشقىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۆت خىل نېرۋا تىپى كىشىلەرنىڭ تىمپېرامېنتىدىكى (مىجەزىدىكى) مىلانخولىك، خولىرىك، سانگۋىنىك ۋە فىلىگماتىك تىپلارغا توغرا كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، پاۋلوۋ يەنە ئىككى سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن، كىشىلەرنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتىدىكى تىپلارنى «تەپەككۇر تىپى» (2 - سىگنال سىستېمىسى پائالىيىتى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ)، «سەنئەت تىپى» (بىرىنچى سىگنال سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتى ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ) ۋە «ئارىلىق تىپ» (ئىككى سىگنال سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتى تەڭپۇقراق بولىدۇ) لاردىن پەرقلەندۈرىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۈرلۈك پسىخىك ھادىسىلىرىدىكى ئىندىۋىدۇئال پەرقلەرنىڭ ئالىي نېرۋا پائالىيىتى تىپلىرىنىڭ پەرقى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بار. ھازىرقى زامان تەتقىقاتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، پاۋلوۋ بايقىغان نېرۋا جەريانىدىكى بۇ ئالاھىدىلىكلەر ۋە بۇ ئالاھىدىلىكلەردىن تۈزۈلگەن تىپلاردىن باشقا، يەنە بىر مۇنچە يېڭى ئالاھىدىلىك ۋە يېڭى تىپلارمۇ بار.
تەنتەربىيە
shén jīng lèi xíng
نېرۋا تىپلىرى