Chinese→Uyghur主要词典
神经激素
بىئولوگىيە
نېرۋا گورمونلىرى
ئاستىنقى دۆڭچە مېڭىدىكى بەزى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىچكى ئاجرىتىش فۇنكسىيىسى بولۇپ، ئاجرىتىلغان گورمونلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ نېرۋا گورمونلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە ئاجراتقان گورمونلاردىن نېرۋا گىپوفىزى چىقىرىدىغان ئىككى خىل گورمونلار (<گىپوفىز گورمونلىرى> غا قارالسۇن) يەنە باشقا ھازىر بېكىتىلگەنلىرىدىن يەنە توققۇز خىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ خىلى (GRIH ۋە CRH, TRH) دىن باشقىلىرى سۈنئىي سىنتېزلانماقتا ھەم كلىنىكا ە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلمەكتە. ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە ئاجراتقان گورمونلارنىڭ ھەممىسى كىچىك مولېكۇلىلىق پېپتىدلار بولۇپ، بەزسىمان گېپوفىزنىڭ گورمون چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قويۇپ بەرگۈچى گورمونلار ھەم بەزسىمان گېپوفىزنىڭ گورمون چىقىرىشىنى تومۇزلايدىغان تورمۇزلىغۇچى گورمونلارمۇ بولىدۇ. ئۇلار گېپوفىز قاپقا تومۇرى ئارقىلىق بەزسىمان گېپوفىزغا توشۇپ بېرلىپ بەزسىمان گېپوفىزنىڭ پائالىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەڭشەيدۇ. ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە بىلەن بەزسىمان گېپوفىزنىڭ بۇنداق زىچ مۇناسىۋىتى ئادەتتە ئاستىنقى دۆڭچە مېڭە - بەزسىمان گېپوفىز سىستېمىسى دېيىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
shén jīng jī sù
نېرۋا گورمۇنى
Dتېببىي
shén jīng jī sù
نېرۋا ھورمۇنى