Chinese→Uyghur主要词典
生长激素
بىئولوگىيە
ئۆستۈرگۈچى گورمون
<سوما توتروپىن> ياكى <فىيون> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. گىپوفىز (<گىپوفىز گورمونلىرى> غا قارالسۇن) ئاجراتقان بىر خىل گورمون. تۈر - ئۇرۇقلار پەرقى مەۋجۇت. كالا ۋە قويلارنىڭ ئۆستۈرگۈچى گورمونىنىڭ پرىماتلارغا بولغان فىزىئولوگىيىلىك رولى تۆۋەن، لېكىن ئادەم ۋە كالىنىڭ ئۆستۈرگۈچى گورمونىنىڭ گىپوفىزى كېسىۋېتىلگەن. چوڭ چاشقانغا بولغان فىزىئولوگىيىلىك رولى چوڭ. پۈتۈن بەدەندىكى توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەردە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئورگانىزمنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بەدەننى چوڭايتىدۇ؛ ئاقسىل سىنتېزىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇسكۇللارنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئادەم گۆدەك ۋاقتىدا ئۆستۈرگۈچى گورمون ئاجرىلىشى كۆپ بولۇپ كەتسە ئىسكىلىتىنىڭ ئۆسۈشى بەك تېزلىشىپ، غەيرىي - تەبىئىي يوغىناپ <گىگانىزم> كېسىلى پەيدا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۆستۈرگۈچى گورمون ئاجرىلىشى بەك ئاز بولۇپ قالسا ئۆسۈپ يېتىلىشى كېچىكىپ بەدىنى ئادەتتىن تاشقىرى ۋىجىكلىشىپ <پاپا> كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ئۆستۈرگۈچى گورمون يەنە قەنتلەرنىڭ پارچىلىنىپ ئىشلىتىلىشىنى تورمۇزلاپ گلۇكوزىنىڭ ھۈجەيرە ئىچىگە يۆتكىلىشىنى تورمۇلايدۇ، نەتىجىدە قان قەنتىنى ئۆرلىتىدۇ. ئۆستۈرگۈچى گورمون ئۇزۇن مۇددەت ئارتۇقچە ئاجرالما گىپوفىز خاراكتېرلىك دىئابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ يېتىلگەن ئادەملەردە يەنە بارماقلىرى يوغىناش (ئاكرومېگالىيە) كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ئۇزۇن سۆڭەكلەر يەنە ئۆسەلمىگەچكە، پەقەت قىسقا سۆڭەكلەرنىڭ ۋە ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىنىڭ ئۆسۈشىلا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، نەتىجىدە قوللىرى چوڭىيىپ كېتىش، بارماقلىرى توملىشىش، بۇرنى ئېگىزلەپ قېلىش، ئاستىنقى جاغ (ئېڭەك) ئالدىغا تومپىيىش، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئورگانلىرى چوڭىيىپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ.
تېببىي
shēng zhǎng jī sù
ئۆستۈرۈش ھورمونى، سوماتوترپىنDمائارىپ
shēng zhǎng jī sù
ئۆستۈرگۈچى گورمونDئورمانچىلىق
shēng zhǎng jī sù
ئۆستۈرۈش ھورمونىDتەنتەربىيە
shēng zhǎng jī sù
ئۆسۈش ھورمۇنى، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنDئۇنىۋېرسال
shēng zhǎng jī sù
ئۆسۈش گورمۇنى؛ ئۆsتۈرگۈچى گورمۇن