Chinese→Uyghur主要词典
声音掩蔽
پسىخولوگىيە
تاۋۇشنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى
ئاڭلاش ئانالىزاتورىمىزغا بىرلا ۋاقىتتا تەسىر قىلغان تاۋۇشلاردىن پەقەت بىرلا ئاڭلىنىپ، قالغىنى ئاڭلانماي قالىدۇ. بۇ خىل ھادىسە تاۋۇشىنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى ياكى كۆمۈلۈپ قېلىش ھادىسىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھادىسە سەزگۈلەرنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن بولىدۇ. تاۋۇشنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشىنى ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۈمكىن: بىرىنچى خىلى، ساپ تاۋۇش (تەۋرىنىش چاستوتىسى كامېرتوندەك بىر خىل بولغان تاۋۇش) نىڭ ساپ تاۋۇشنى كۆمۈشى، بۇ ھال ئىككى تاۋۇش چاستوتىسى بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك. چاستوتىلىرى قانچە يېقىن بولسا، كۆمۈلۈشىمۇ شۇنچە زور بولىدۇ. بىر رادىئو ئىستانىسىسى قويۇپ بەرگەن تاۋۇشنىڭ باشقا بىر ئىستانسا قويۇپ بەرگەن تاۋۇشنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىشى
مۇشۇنداق ئەھۋالغا كىرىدۇ؛ ئىككىنىچى خىلى، شاۋقۇننىڭ ساپ تاۋۇشنى كۆمۈشى، بۇ ئاساسەن ئىككىسىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىكى پەققە باغلىق بولۇپ، چاستوتا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زور ئەمەس. مەسىلەن: مەلۇم بىر خىل ماشىنىنىڭ شاۋقۇنى بەك كۈچكلۈك بولغاندا، باشقا تاۋۇشلار كۆمۈلۈپ قالىدۇ؛ ئۈچىنچى خىلى، تىل تاۋۇشىنىڭ كۆمۈلۈشى. كۆمۈش ئۈنۈمى كۆمگۈچى تىل تاۋۇشىنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن: بىز لېكسىيە ئاڭلاۋاتقىنىمىزدا لېكسيىنى ئاڭلاۋاتقانلاردىن ئۆز ئارا پاراڭ سېلىشقۇچىلار سانى (تۆۋەن ئاۋازدا بولسىمۇ) كۆپىيىپ كەتسە، لېكسىيە سۆزلىگۈچىنىڭ تاۋۇشى تۈلۈك دەرىجىدە كۆمۈلۈپ قالىدۇ. تاۋۇشنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى غىدىقلىغۇچىلارنىڭ بىر - بىرىگە كاشىلا قىلىشىدىن ئەمەس، سەزگۇنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىن بولىدۇ. ئەگەر ياخشىراق دىققەت قىلىنسا كۆمۈلگەن تاۋۇشنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. دېمەك بۇ بىر خىل پسىخىك ھادىسە.