Chinese→Uyghur主要词典
圣像破杯运动
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس ھەيكەلنى بۇزۇش ھەرىكىتى
(1) مىلادى Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىدە چېركاۋ ۋە مۇناسىترلارنىڭ يەرلەرنى ئىگىۋېلىشىغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن بولغان ھەرىكەت بولۇپ، مۇقەددەس ھەيكەللەرنى بۇزۇشنى چاقىرى قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مىلادى 717-يىلى ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان لېئو Ⅲ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەرەبلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچنى تېخىمۇي كۈچەيتىشكە توغرا كەلگەن. لېكىن ھەربىيلەرنى بېقىشقا زۆرۈر بولغان يەر يېتىشمەي قالغان، ۋەھالەنكى مەملىكەت ئىچىدىكى خېلى كەڭ بىر قىسىم يەرنى چېركاۋ ۋە مۇناستىرلار ئىگىلىۋالغانلىقتىن، چېركاۋلارغا قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. 726-يىلى لېئو Ⅲ مۇقەددەس ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇش بۇيرۇقىنى چىقارغانلىقى مۇقەددەس ھەيكەللەرنى بۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن، بولۇپمۇ كونستانتىن Ⅴ تەختتىكى مەزگىل (741 - 775) دە، مۇناسىترلارنىڭ يەرلىرى كۆپلەپ مۇسادىرە قىلىنىپ، ھەربىي خىزمەت شەرتى بىلەن ھەربىي ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن ياكى ئەسكەرلەرنى ئۈلۈشلۈك يېرى قىلىنغان ھەمدە ئەر - ئايال موناخلار مۇناخلىقنى تاشلاشقا مەجبۇر قىلىنىپ، موناستىرلار ھەربىي لاگېرغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ھەرىكەتكە ھەربىي ئاقسۆڭەكلەردىن باشقا، شەھەر قول ھۈنەرۋەنلىرى ۋە دېھقانلارمۇ قاتناشقان. لېكىن شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى، كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكپى ۋە رىم پاپاسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرغان. 438-يىلى، ئىمپېرىيە دائىرىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى كۈرىشىنىڭ دولقۇنىدىن قورقۇپ، چېركاۋ بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، مۇقەددەس ھەيكەللەرگە چوقۇنۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، لېكىن مۇسادىرىە قىلىنغان مۇناسىتىرلار يەرلىرىنىڭ زور كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەن. (2) نېدېرلاندىيە خەلقىنىڭ ئىسپانىيە دائىرىلرىىۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قورالى - كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارشى تۇرۇش قوزغىلىڭى، ⅥⅩ ئەسىردىكى نېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1566-يىلى 8-ئايدا، قوزغىلاڭ فلاندېستا كۆتۈرۈلۈپ، تېزلىك بىلەن پۈتكۈل نېدېرلاندىيىنىڭ 17 ئۆلكىسىنىڭ 12 ئۆلكىسىنى قاپلىغان. قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق كۈچى شەھەر پۇقرالىرى ۋە شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى دېھقانلاr بولۇپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كالۋىنچى بۇرژۇئازلار ۋە بەزى ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ قولىدا بولغان. قوزغىلاڭچىلار مۇقەددەس ھەيكەللەرنى بۇزۇۇپ، 5500 دىن ئارتۇق چېركاۋ ۋە ئىبادەتخانىنى چۇۋۇپ، چېركاۋنىڭ مال - مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان؛ بەزىلىرى تېخى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇرار جايلىرى ۋە قەلئەلەرگە باستۇرۇپ كىرىپ، قەرز ھۆججەتلىرى ۋە يەر خەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. باش ۋالىي مارگارېت شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى دىنىي سوتنىڭ پائالىيىتىنى توختىتىپ، كالۋىن مۇرىتلىرىنىڭ شەھەر سىرتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇپ، ئاقسۆڭەكلەر ئىتىتپاقى ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇرب ولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇرژۇئازىيە ۋە ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى ئىسپانىيە ھۆكۈمران دائىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلغان. 1567-يىلى ئەتىيازدا قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان.