Chinese→Uyghur主要词典
生物氧化
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش
ھۈجەيرىدىكى مېتابولىزمدا ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئوكسىدلىنىشى ھەمدە ئېنېرگىيە ھاسىل بولۇش جەريانىدۇر. ھۈجەيرىدە بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش ئېلىپ بېرىلغاندا، ئوكسىگېننىڭ سەرپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ۋە سۇ چىقىرىلغانلىق سەۋەبىدىن <ھۈجەيرە نەپەسلىنىشى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياكى <ھۈجەيرىدە ئوكسىدلىنىش> دېيىلىدۇ. بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش ئاساسەن ئىككى خىل ئۇسۇلدا بولىدۇ: (1) ئوكسىگېنگە ئېھتىياجلىق ھۈجەيرە نەپەسلىنىشىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار قەنتلەرنىڭ ئېچىپ پارچىلىنىش يولى بويىچە ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالارنىڭ ئايلىنىشىدا ئوكسىدلىنىدۇ، ئېلېكترونلار ھۈجەيرە پىگمېنتلىق ئېلېكترون يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئارقىلىق ئوكسىگېنگە يەتكۈزۈلىدۇ. قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىنىش ئارقىلىق ATP گە سىنتېزلىنىدۇ. (2) ئورگانىزمدىكى باشقا ھەر قانداق ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىلىرى. بىرىنچى خىل ئۇسۇلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى: a. بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا، ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدىكى بىر قاتار رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق تەدرىجىي ئوكسىدلىنىپ، قېتىملارغا بۆلۈنۈپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئېنېرگىيىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. b بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشتا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفاتلىق بىرىكمە ياكى باشقا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ خىمىيىلىك باغ ئېنېرگىيىسىگە ئايلاندۇۇرلۇپ، ئاندىن كېيىن ATP بولېكۇلىسىدا زاپاس ساقلىنىدۇ.
ئورمانچىلىق
shēng wù yǎng huà
بئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشDتەنتەربىيە
shēng wù yǎng huà
بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشDتېببىي
shēng wù yǎng huà
بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىشDئۇنىۋېرسال
shēng wù yǎng huà
بىئولوگىيىلىك ئوكسىدلىنىش