Chinese→Uyghur主要词典
生物数学
ماتېماتىكا
shēng wù shù xué
بىئولوگىيە (ھاياتلىق) ماتېماتىكىسىDتېببىي
shēng wù shù xué
بىئوماتېماتىكاDئۇنىۋېرسال
shēng wù shù xué
بىئوماتېماتىكا
Dمائارىپ
shēng wù shù xué
بىئوماتېماتىكا
بىئولوگىيە
بىئو ماتېماتىكا
ماتېماتىكا بىئولوگىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ماتېماتىكا، ھېسابلاش ماشىنىسى تېخنىكىسى ۋە تۇراقلىق مىقدار نەزەرىيىسىدىن پايدىلىنىپ، بىئولوگىيىلىك سىستېما ۋە بۇ سىستېمىدىكى ئاساسىي جەريانلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان، ھەمدە ماتېماتىكا بىلەن بىئولوگىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئالاقىدار پەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ماتېماتىكا نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ھەمدە ھېسابلاش تېخنىكىسى ۋە ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، بىئو ماتېماتىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ھەتتا ماتېماتىكىنىڭ بارلىق تارماق پەنلىرى بىئولوگىيىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلىش جەريانىغا تۆھپە قوشتى. بىئولوگىيىنىڭ تارماق پەنلىرى ماتېماتىكىسىز ئۆز تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارالمايدۇ. مەسىلەن، قۇرۇلۇش كونترول نەزەرىيىسىدىكى تەتۈر باغلىنىش جانلىقلاردىكى ئىنكاسىنى ماتېماتىكىلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، نېرۋا رولىنىڭ ماتېماتىكىدىكى تەتقىقاتى كونترول نەزەرىيىسى بىلەن ئىنفورماتسىيە نەزەرىيىسىنى رېئال تىپلار بىلەن تەمىنلىدى. يەنە مەسىلەن، ئىنسۇلىننى تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇرەككەپ ستېرېئو مودېللار يەنىلا مۇرەككەپ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ئارقىلىق ھېسابلاندى. 1974 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوقۇش ماتېرىياللىرى گۇرۇپپىسى تەھرىرلىگەن پەنلەرنىڭ بۆلۈنۈش مۇندەرىجىسىدە، بىئوماتېماتىكىنى مۇستەقىل بىر پەن قىلىپ، ھازىرقى زامان بىئولوگىيىسىدىكى بىئوخىمىيە، بىئوفىزىكا قاتارلىقلار بىلەن بىر قاتارغا قويغان.