Chinese→Uyghur主要词典
生物分类法
بىئولوگىيە
جانلىقلار كلاسسفىكاتسىيىسى
ئادەتتە سۈنئىي كلاسسىفىكاتسىيە (arssfication)(natural classfication) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. سۈنئىي كلاسسىفىكاتسىيە كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، جانلىقلارنىڭ مەلۇم ئالامىتى ياكى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدىغان مەلۇم ئۆلچەملەردىن خالىغان بىرىنى تاللاپ سىستېمىلارغا بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، جانلىقلارنى سۇدا ياشايدىغان، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان، پايدىلىق، زىيانلىق، ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە ئۇچىدىغانلار قاتارلىقلارغا بۆلۈش، بۇ خىل بۆلۈش جانلىقلاردىن پايدىلىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىق، مۇناسىۋەتنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇ ھازىر ئىشلىتىمەيدۇ. تەبىىي كلاسسىفىكاتسىيە جانلىقلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈش، فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدار، بىئوخىمىيە ۋە ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە بۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل بۆلۈش جانلىقلار تېنىدىكى ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى بىر قەدەر ھەقىقىيراق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇ سۈنئىي كلاسسىفىكاتسىيىسىگە قارىغاندا ئوبيېكتىپ ئەھۋالغا تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ. ھازىر، جانلىقلار كلاسسىفىكاتسىيىسىدە تەبىئىي كلاسسىفىكاتسىيىسە قوللىنىلىۋاتىدۇ.