Chinese→Uyghur主要词典
生物产量
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى
زىرائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى قۇرۇق ئېغىرلىقى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىئولوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىغا ئايرىلىدۇ. ئالدىنقىسى ھوسۇل ئالىدىغان ۋاقىتتىكى ئۆسۈملۈك تۈپىدىكى بارلىق قۇرۇق ماددىنىڭ ئېغىرلىقىىى كۆرسىتىدۇ؛ كېيىنكىسى كىشىلەر ھوسۇل ئېلىش ۋاقتىدا ئۈمىد قىلىدىغان، ئىقتىسادىي قىممىتى بولغان مەھسۇلاتنىڭ قۇرۇق ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى بىلەن بىئولوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىئولوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زىرائەت پۈتۈن ئۆسۈش مەزگىلىدە فوتوسىنتېز ئارقىلىق ياسىغان ئورگانىك ماددا ۋە تۇپراقتىن سۈمۈرگەن ئازوت قاتارلىق مىنېرال ماددىلاردىن نەپەسلىنىش ۋە يورۇقلۇق تەسىرىدىن بولغان نەپەسلىنىش جەريانىدىكى سەرپىيات ۋە باشقا سەرپىياتلار (بەزى ئورگانلىرىنىڭ قېرىپ ئۆلۈشى، تەنچە ئىچىدىكى ئورگانىك ۋە نىئورگانىك ماددىلارنىڭ تەنچە سىرتىغا چىقىپ كېتىش ياكى يوقىتىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى ساپ جۇغلانمىدىن ئىبارەت. شۇڭا بىئولوگىيىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى = فوتوسىنتېز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى - سەرپىيات.
ئورمانچىلىق
shēng wù chǎn liàng
بئولوگىيىلىك مەھسۇلات مىقدارىDدېھقانچىلىق
shēng wù chǎn liàng
بىئولوگىيىلىك مەھسۇلات