Chinese→Uyghur主要词典
生命起源
بىئولوگىيە
ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىشى
جانسىز ماددىلارنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ ئەڭ دەسلەپكى جانلىققا ئايلانغانغا قەدەر بولغان خىمىيىلىك جەريانىنى، يەنى خىمىيىلىك تەدرىجىي تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتلىقنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھازىر بىر ئاز بىرلىككە كەلگىنى مولېكۇلا تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانى. ئۇ چوڭ جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈنىدۇ: (1) ئىپتىدائىي يەر شارىدىكى فىزىكا، خىمىيىلىك شارائىتتا، نېئورگانىك كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار (مەسىلەن، مېتان، ئاممىياك، ئازوت، ھىدروگېن، سۇپارى، كاربون )Ⅳ( - ئوكسىدى، گىدروسۇلفىد، گىدروسىئانىد قاتارلىقلار) ئورگانىك كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار (مەسىلەن، ئامىنو كىسلاتاسى، نۇكلېئوتىد، مونوساخارىد قاتارلىقلار) نى ھاسىل قىلغان؛ (2) ئورگانىك كىچىك مولېكۇلىلىق ماددىلار پولىمېرلىنىپ بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلار (مەسىلەن، ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتا) نى ھاسىل قىلغان؛ (3) بىئولوگىيىلىك چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلار پولىمېرلىشىپ مۇرەككەپ بولغان كۆپ مولېكۇلىلىق سىستېمىنى ھاسىل قىلغان، بۇ سىستېما بەزى ھاياتلىق ھادىسىلىرىنى ئىپادىلىگەن، بۇنىڭ بىلەن ئىپتىدائىي ھاياتلىق ماددىسى ھاسىل بولغان. نۆۋەتتە ئىپتىدائىي ھاياتلىق ماددا توغرىسىدا مۇنداق ئىككى خىل قاراش بار. بەزىلەر ئەڭ دەسلەپتە بارلىققا كەلگەن ھاياتلىق، ئۆز - ئۆزىدىن نۇخسىلىنالايدىغان نۇكلېئىك كىسلاتا مولېكۇلىسى دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر مېتابولىزم ئېلىپ بارالايدىغان ئاقسىل مولېكۇلىسى دەپ قارايدۇ.