Chinese→Uyghur主要词典
生产力
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى
يەنى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى. ئىنسانلارنىڭ ماددىي ئەشيالار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى. ئۇ بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەجرىبىسى بىلەن ئەمگەك قابىلىيىتىگە ئىگە ئادەملەر (ئەمگەكچىلەر)، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى (ئاساسلىقى ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى) ۋە ئەمگەك ئوبيېكتىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپقان. بۇلاردىن ئەمگەكچىلەر يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل بولۇپ، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى كىشىلەر ئەمگىكىنى ئەمگەك ئوبيېكتىغا ئۆتكۈزىدىغان زۆرۈرۈ ۋاسىتە، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ؛ ئەمگەك ئوبيېكىتى بولسا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ماددىي شەرت. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئامىللىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىدە پەن - تېخنىكا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قانچىكى تەرەققىي قىلغانسېرى، پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىلگەت شۇنچە ئوڭاي ئۆزگىرىدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋىيىسى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ئاخىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ - دە، شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرلىتىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى
Dدېھقانچىلىق
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچىDتاشيول قۇرۇلۇشى
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچىDئۆسۈملۈك
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچىDپوچتا - تېلېگراف
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىDپۇل - مۇئامىلە
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچىلىرىDسودا
shēng chǎn lì
ئىشلەپچىقىرىش كۈچى