Chinese→Uyghur主要词典
生产关系
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى
ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ماددىي ئەشيالر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئورناتقان ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرى بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر تەرىپىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش شەكلى، ھەرقايسى ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ھەمدە مەھسۇلاتلارنىڭ تەقىسملىنىش شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش تۈزۈمى ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسىدۇر. سىنىپىي جەمئىيەتلەردە بۇ ئاساسەن سىنىپىي مۇناسىۋەتلەر شەكلى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ھاسىل قىلىدۇ؛ ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ۋە ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەلگىلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى يىغىندىسى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۈستقۇرۇلمىسىنىڭ ئورنىتىلىشىدىكى ئىقتىسادىي بازىسىدۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىلگىرى - كېيىن بۇلۇپ بەش خىل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى، يەنى: باشلانغۇچى كوممۇنا تۈزۈمى، قۇلدارلىق تۈزۈمى، فېئوداللىق تۈزۈمى، كاپىتالىزم تۈزۈمى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىن ئىبارەت بەش خىل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بارلىققا كەلگەن. كوممۇنىزم سوتسىيالىزمنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدۇر.
ئۇنىۋېرسال
shēng chǎn guān xì
ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى
Dپۇل - مۇئامىلە
shēng chǎn guān xì
经济关系غا قاراڭDپوچتا - تېلېگراف
shēng chǎn guān xì
ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىDسودا
shēng chǎn guān xì
ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىDتاشيول قۇرۇلۇشى
shēng chǎn guān xì
ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى