Chinese→Uyghur主要词典
生产工具
دۇنيا تارىخى
ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى
ئەمگەك قوراللىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئەمگەك ئوبيېكتىنى پىششىقلاشقا ئىشلىتىدىغان قورال - سايمانلار. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەمگەك ئوبيېكتىغا يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيىسىنى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات باسقۇچىلىرىنى ئايرىشنىڭ مۇھىم بەلگىسى. ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ئادەتتە ئۈچ دەۋرگە، يەنى قورال - سايمان دەۋرى (بۇ دەۋر يەنە تاش قوراللار دەۋرى، برونزا قوراللار، تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭىلىنىشى مۇئەييەن ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. كاپىتالىزمدىن ئىلگىرىكى جەمئىيەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتى بەك ئاستا بولغان. كاپىتالىزم جەمئىيىتىدە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن سۈرئەت بىلەن راۋاجلانغان. بىراق بۇ راۋاجلىنىش ھامان كاپىتالىسلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش - بولماسلىقنى دەۋر قىلغان. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا داغدام ئىستىقبال يارىتىپ بەردى.
ئۇنىۋېرسال
shēng chǎn gōng jù
ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى
Dتاشيول قۇرۇلۇشى
shēng chǎn gōng jù
ئىشلەپچىقرىىش قورالىDماشىنىسازلىق
shēng chǎn gōng jù
ئىشەپچقىرىش سايمىنىDپۇل - مۇئامىلە
shēng chǎn gōng jù
ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىDسودا
shēng chǎn gōng jù
ئىشلەپچىقىرىش قورالى