Chinese→Uyghur主要词典
圣.斯特法诺和约
دۇنيا تارىخى
سان ستېفانو سۈلھ شەرتنامىسى
روسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى 1877 - 1878- يىللىرىدىكى ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇش سۈلھ شەرتنامسى. 1878 - يىل 3 - ئاينىڭ3 - كۈنى سان ستېفانو (ئىستانبولنىڭ يېنى)دا ئىمزالانغان. سۈلھ شەرتنامىسىغا ئاساسەن، روسىيە جەنۇبىي كاپكازنىڭ كارس، ئارداگان باتۇمى بايازېت قاتالىق جايلىرى ۋە بىسسارابىينىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئىگە بولغان، سېربىيە، رۇمىنىيە، مونتېنېگرو تۈركيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان؛ بوسىنىيە ۋە گېرتسىگوۋىنا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلغان؛ بۇلغارىيە كىنەزلىكى قۇرۇلغان. روسىيە كۈچىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى كېڭەيمىچىلىكى ئەنگىلىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغىغان. شۇيىلى <بېرلىن شەرتنامىسى> ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆتكەن.