شەكىل (شەكلى)[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① ماددىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، سىرتقى قىياپىتى، پىچىمى، فورمىسى:[مىسال:] ئاي شەكلىدىكى قىلىچ. تۇخۇم شەكلىدىكى يوپۇرماق. ئادەم شەكلىدىكى مەخلۇق.[يەشمىسى:] ② ماددىلار كۆرۈنۈشىنىڭ تەقلىد قىلىنغان ياكى بىرەر نەرسە يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن ئەكسى، ئەينى، قىياپىتى، ھالىتى:[مىسال:] ياغلىقنىڭ چۆرىسىگە يەنە شۇ قان بىلەن بويالغان قىزىل يىپتا لەيلىگۈلنىڭ شەكلى قاتار سىزىلغانىدى.[يەشمىسى:] ③ [كەسىپ تۈرى:]>ماتېماتىكا<[يەشمىسى:] مەلۇم فورما، كۆرۈنۈشتىكى نەرسىلەر:[مىسال:] گېئومېتىرىيىلىك شەكىل. تەكشىلىكتىكى شەكىل.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] جىسىمنىڭ ھالىتى، كۆرۈنۈشى:[مىسال:] مۇز سۇنىڭ قاتتىق شەكلىدۇر.[يەشمىسى:] ⑤ [كەسىپ تۈرى:]>پەلسەپە<[يەشمىسى:] شەيئىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قەتئىينەزەر، تاشقى كۆرۈنۈشى، ئىپادىلىنىشى ياكى شەيئىلەردىكى ئىچكى ئامىللارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەشكىللىنىشى:[مىسال:] دېموكراتىيە شەكىل جەھەتتىكى تەڭلىكنىلا بىلدۈرىدۇ.[يەشمىسى:] ⑥ [كەسىپ تۈرى:]>ئەدەبىيات<[يەشمىسى:] تۈر، فورما:[مىسال:] تەرجىئىبەند شېئىرىيەتتىكى بىر شەكىل.⑦ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۇسۇل، يول، يوسۇن:[مىسال:] مەكتەپ كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى تەربىيە بەردى.[يەشمىسى:] ⑧ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] ياڭزا، ئىپادە:[مىسال:] شەكىل چىقارماق.