Uyghur主要词典
شەكلىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
شەكىلگە تەئەللۇق بولغان؛ شەكىلگە ئاساسلانغان.
شەكلىي لوگىكا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ماددىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى، سىرتقى قىياپىتى، پىچىمى، فورمىسى.
ئاي شەكلىدىكى قىلىچ. تۇخۇم شەكلىدىكى يوپۇرماق. ئادەم شەكلىدىكى مەخلۇق.
ماددىلارنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ تەقلىد قىلىنغان ياكى بىرەر نەرسە يۈزىگە چۈشۈرۈلگەن ئەكسى، ئەينى، قىياپىتى، ھالىتى.
ياغلىقنىڭ چۆرىسىگە يەنە شۇ قان بىلەن بويالغان قىزىل يىپتا لەيلىگۈلنىڭ شەكلى قاتار سىزىلغانىدى.
<مات> مەلۇم فورما، كۆرۈنۈشتىكى نەرسىلەر.
گېئومېتىرىيىلىك شەكىل. تەكشىلىكتىكى شەكىل.
<فىز> جىسىمنىڭ ھالىتى، كۆرۈنۈشى.
مۇز سۇنىڭ قاتتىق شەكلىدۇر.
<پەلس> شەيئىلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قەتئىينەزەر، تاشقى كۆرۈنۈشى، ئىپادىلىنىشى ياكى شەيئىلەردىكى ئىچكى ئامىللارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە تەشكىللىنىشى.
دېموكراتىيە شەكىل جەھەتتىكى تەڭلىكنىلا بىلدۈرىدۇ.
<ئەد> تۈر، فورما.
تەرجىئىبەند شېئىرىيەتتىكى بىر شەكىل.
كۆچمە. بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۇسۇل، يول، يوسۇن.
مەكتەپ كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيىۋى تەربىيە بەردى.
كۆچمە. ياڭزا، ئىپادە.
شەكىل چىقارماق.