Uyghur主要词典
شەيتانⅠ
شەيتانⅠ[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>دىن<[يەشمىسى:] دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئادەملەرنى دىن يولىدىن ئازدۇرغۇچى، يامانلىققا، بەتقىلىقلىققا باشلىغۇچى ئەپسانىۋى مەخلۇق، ئىبلىس:[مىسال:] شەيتانغا «توپا يەمسەن» دېسە «يېغى بارمۇ» دەپتۇ (ماقال). [يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] شوخ، چاققان، ھەرىكەت ۋە قىلىقلىرى ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان (بالىلار ھەققىدە):[مىسال:] ھەي شەيتان قىز، مېنى ئالداپسىز-دە، دېدى نۇرۇم.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كۆچمە مەنىسى:] سەلب.[يەشمىسى:] قارانىيەت، ئالدامچى، ھىيلىگەر، مەككار، شۇم نىيەت:[مىسال:] ئۇنىڭ كاللىسى ئەجنەبىي شەيتانلارنىڭ رامكىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى ئەجنەبىيلەرنىڭ سۆزى، دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.[يەشمىسى:] ④ [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئادەمنى ئېزىقتۇرىدىغان ھېس، ئادەمنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان ئىچكى تۇيغۇ:[مىسال:] ئامەت بىلەن ئاپەت، دېدى ساھىبجامال ئايال ئارقىدىن، دائىم بىر ئۆيدە قونغۇدەك، قىزىلگۈل بىلەن تىكەن بىر شاختا تۇرغۇدەك، شەيتاندىنمۇ ئادەم شەيتىنى يامان بولغۇدەك.