Chinese→Uyghur主要词典
社会心理学
پسىخولوگىيە
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە
بۇ پسىخولوگىيىنىڭ مۇھىم تامىقى. ئۇ بەلگىلىك ئىجتىمائىي شارائىتتىكى شەخسى بىلەن ئامما (توپ) نىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكىتى ۋە ئۇلارنىڭ پسىخىك ھادىسىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە يەنە ئۇ بىر ئەمەلىي پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتە كەڭ قوللىنىلماقتا. ھەمدە ئۇ باشقۇرۇش پسىخولوگىيىسى، ئىستىمال پسىخولوگىيىسى، جىنايەت پسىخولوگىيىسى، تەشۋىقات پسىخولوگىيىسى قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى بىر مۇنچە دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي پسىخولوگىيىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش فۇنكسىيىسى بارغانسېرى رول ئوينىماقتا. جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۇرمۇش، خىزمەت، مەدەنىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگىچە چوڭقۇرلاپ كىرمەكتە؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بەزىلەر ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە بىر خىل «بىۋاسىتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» گە ئايلاندى دەپ قارىماقتا.
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ھازىرغىچە ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىپ بىر مۇنچە ساھەلەرنى ئاچتى. ئۇلار ئاساسەن تۆۋەندىكىچە: (1) پوزىتسىيىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات: بۇنڭدا باشقىلارغا قارىتا ياكى ئىجتىمائىي ۋاقىئەلەرگە قارىتا بولغان كۆز قاراشلارنىڭ قانداق شەكىللىنىشى؛ پوزىتسىيىنى قانداق، قايسى ئۇسۇل بىلەن ئۆزگەتكىلى بولۇشى؛ پوزىتسىيە بىلەن ھەرىكەت مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ خىل تەتقىقاتقا، سەۋەبىنى تەتقىق قىلىش (ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە ھەرىكىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ سەۋەبىدىكى پسىخىك جەرياندىن خۇلاسە چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ)، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا قايىل قىلىش جەريانىنى تەتقىق قىلىشلار كىرىدۇ. (2) ئىجتىمائىي تۇنۇش: مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۇچۇرلارنى قانداق چۈشىنىش، قانداق ئەستە ساقلاش ۋە قانداق ئەسكە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى تەتقىق قىلىنىدۇ. (3) كىشىلەر ئارىسىدىكى جەلىپ قىلىش ھەرىكىتى: يەنى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىدا ياخشى، يېقىن مۇناسىۋەتنىڭ قانداق شەكىللىنىشى ۋە بۇ خىل مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار تەتقىق قىلىنىدۇ. (4) ھوجۇم ھەرىكىتى: قانداق ئامىل كىشىدە ئاچچىقلىنىش، قارىلاش، زورلۇق قىلىش بىلەن جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھۇجۇم ھەرىكىتىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى تەتقىق قىلىنىدۇ. مۇنداق تەتقىقات جىنايەت پسىخولوگىيىسىدە تۈپلۈك تۆھپە كۆرسەتتى. (5) ئاممىنىڭ پسىخىكىسى: ئامما ئەزالىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى؛ ئەزا بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا تەسىرى؛ يۇقىرىقى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە تەسىرلەرنىڭ ئاممىغا بولغان ئۈنۈملۈك رولى، شۇنىڭدەك ياخشى كوللېكتىپنىڭ شەكىللىنىشى قاتارىقلار تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ جەھەتلەر باشقۇرۇش پسىخولوگىيىسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. (6) مۇھىت پسىخولوگىيىسى: بۇنىڭدا ئاساسەن مۇھىت ئامىلىنىڭ كىشىنىڭ پسىخىكىسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ ئامىللارغا يالغۇزلۇق، كىلىمات، نوپۇسنىڭ زىچلىقى، تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىقلار كىرىدۇ.
يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودىمۇ ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش باشلاندى. قىسمەن ئالىي مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ھازىر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سىستېمىلىق نەزەرىيە شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىستىقبالى كەڭ. مەسىلەن: كارخانىنى باشقۇرۇشتا ئىجتىمائىي پسىخولوگىيىنى قوللىنىپ مەشغۇلات جەريانىدىكى كىشىلەر ئارا ئالاقىلىشىش مۇناسىۋەتلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئىدىيىۋى - سىياسىي خىزمەتتە ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە بىلىمىنى قوللىنىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ ئىدىيىۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ سۈپىتىنى يۈكسەلدۈرۈش؛ ئىستىمالچىلارنىڭ پسىخىكىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تەشۋىقات ۋى ئېلانلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.
مائارىپ
shè huì xīn lǐ xué
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيەDتېببىي
shè huì xīn lǐ xué
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە، سۈتسىئال پسىخولوگىيەDئۇنىۋېرسال
shè huì xīn lǐ xué
ئىجتىمائىي پسىخولوگىيە