Chinese→Uyghur主要词典
社会沙文主义
دۇنيا تارىخى
سوتسىيال شوۋىنىزم
<ئېغىزدا سوتسىيالىزم، ئەمەلىيەتتە شوۋىنىزم بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.> شۇۋىن ئەسلىدە فرانسىيە كۇرۇلى ناپولېئون Ⅰ نىڭ قول ئاستىدىكى ئەسكىرى بولۇپ، ئۇ ناپولېئون Ⅰنىڭ ئىستېلاچىلىق پىلانىنى تەلۋىلەرچە ھىمايە قىلغانلىقى، زوراۋانلىق كۈچ ئارقىلىق فرانسىيە ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن، كېيىن ئۆز دۆلىتىدىكى ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمران سىنىپلارنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئېزىدنى قوللايدىغان بۇرژۇئا تاجاۋۇزچىلىق خاراكتىرىدىكى مىللەتچىلىك شوۋىنىزم دەپ ئاتالغان. سوتسىيال شوۋىنىزم - ئاغمىچىلىقنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى شارائىتىدىكى مەھسۇلى ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي سىياسىي ئىدىيىۋى مەزمونى ئاغمىچىلىق بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولۇپ، ئورتاق ئىدىيىۋى ئېقىمغا ياتىدۇ. ئەينى زاماندا، ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاغمىچى كاتتىباشلىرى، ئۇرۇشنىڭ جاھانگىرلىك خاراكتىرىنى يوشۇرۇپ، <ۋەتەننى قوغداش>شۇئارىنى توۋلاپ، پارلامېنتتا ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي خام چوتىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرىنى ئالداپ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى پائال قوللىغان، ئۆز دۆلىتىدىكى بۇرژۇئازىيەنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغان، پرولېتارىياتنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى بۇرژۇئازىيىگە قارشى ئىنقىلابىي كۈرەش ئېلىپ بېرىشىنى تەرغىپ قىلىشنى ۋە ئۇنى قوللاشنى رەت قىلىپ، سوتسىيالىزم ۋە پرولېتارىيات ئىنتېرناتسىئونالىزملىق مەيدانىغا ئاسىيلىق قىلىپ، چۈشكۈنلىشىپ سوتسىيال شوۋىنىزمچىلارغا ئايلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شېدېمان قاتارلىقلار ئاشكارا قىياپەتتە ئوتتۇرغا چىققان، كائۇتىسكى باشچىلىقىدىكى <بىتەرەپلەر> يۇشۇرۇن ۋاستە قوللانغان. لېنىن: <سوتسىيال شوۋىنىزم - ئۇچىغا چىققان ئاغمىچىلىق> دەپ كۆرسەتكەن. (<لېنىن تاللانما ئەسەرلىرى> 2 - توم، خەنزۇچە نەشرى 650 - بەت).