Chinese→Uyghur主要词典
社会俱乐部
دۇنيا تارىخى
ئىجتىمائىي كۇلۇب
جەمئىيەت گۇرۇپپىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدىكى راىكال سىياسىي تەشكىلات. 1790 - يىلى 1 - ئايدا موناستىرنىڭ مۇدىرى كلۇدېفوش (1744 - 1793) ۋە يازغۇچى، مۇخبىر نىكولادې بوننېۋىل (1760 - 1828) تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان. دەسلەپتە ئاز سانلىق دېموكراتىك ئىدىيىگە ئىگە زىيالىيلارنىڭ بىرلەشمىسى بولغان. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا ئايلانغان ھەمدە 10 - ئايدا نامىنى <ئادالەتپەرۋەرلەر دۇنيا ئىتتىپاقى>غا ئۆزگەرتكەن. كۆپىنچە زور تىپتىكى يىغىلىشلار قىلىپ تۇرغان ھەمدە <تۆمۈر تۇمشۇق گېزىتى> ناملىق گېزىت چىقىرىپ، باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان. جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. بۇ تەشكىلاتنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولغاچقا 1791 - يىلى تارقىتىۋېتىلگەن