Chinese→Uyghur主要词典
社会和平主义
دۇنيا تارىخى
سوتسىيال پاتىسفىزم
ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى ھەرقايسى ئەل سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىلىرى ئىچىدىكى بىرخىل ئاغمىچىلىق ئىدىيىۋى ئېقىمى. ئېغىزدىكى سوتسىيالىزم، ئەمەلىيەتتە بۇرژۇئا پاتىسفىزمى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، خەلق ئاممىسىنىڭ جاھانگىرلىك ئۇرۇشىغا قارشى ئىنقىلابى دولقۇنى كۈنسېرى ئۆرلەپ بېرىۋاتقاچقا، ھەرقايسى جاھانگىر دۆلەتلەر سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق <تىنچ ھالدا> ئولجا بۆلۈشۈش، <تىنچ ھالدا> پرولېتارىياتنى قورالسىزلاندۇرۇش كويىدا بولغان. ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالدىكى كائوتىسكى، تۇراتى ئېقىمىدىكىلەر، جاھانگىرلىك سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، سوتسىيالىزم تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، بۇرژۇئا پاتىسفىزمنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىپ قىلىشقان. ئۇلار تىنچلىق سوتسىيالىستلارنىڭ ئالىي غايىسى ئۈستىدە قۇرۇق گەپ سېتىشقان، <دېموكراتىك>سۈلھ شەرتنامە تۈزۈش ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشىشنى تەرغىپ قىلىشقان. كاپىتالىزم شارائىتى ئاستىدا ھەربىي تەييارلىقلارنى قىسقارتىش، خەلقئارالىق سوت مەھكىمىسىنى قۇرۇش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرغا قويغان. تىنچلىق خام خىيالىنى تارقىتىپ، ھەمدە ئۇرۇشلارغا قارشى تۇرغان، ئاممىنى ئىنقىلابىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرمىغان،پرولېتارىياتنىڭ زورلۇق كۈچى ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىغا قارشى تۇرۇپ، جاھانگىرلىك تۈزۈمىنى قوغدىغان. لېنىن بۇخىل سوتسىيالىزم ئىبارىلىرى بىلەن بۇرژۇئا پاتىسفىزمنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنى سوتسيال پاتىسفىستلار دەپ ئاتاپ، <پرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ھەربىي ئىشلار پروگراممىسى>، <>تىنچلىق پروگراممىسى< ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۇلارنى چوڭقۇر ھالدا پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان.