Chinese→Uyghur主要词典
社会分工
مائارىپ,سودا
shè huì fēn gōng
ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى
دۇنيا تارىخى
ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى
جەمئىيەت دائىرىسىدىكى ھەرقايسى ئەمگەك تۈرلىرى ۋە تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىك ئىش تەقسىمات، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرى ۋە سىنىپىي جەمئىيەت بارلىققا كەلگەن دەۋردە، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئش تەقسىماتى بولۇپ، ئىشلەپچىقرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ئايرىۋاشلاش، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ۋە سىنىپىي جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك ئىش تەقسىماتى، شەھەر بىلەن يېزا ئىش تەقىسماتى قاتارلىقلار بارلىققا كەلگەن. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈشى تۈپەيلىدىن، ئىجتىمائىي ئىش تەقىسماتى كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىش، ئىنچىكىلىشىشكە باشلىغان. كاپىتالىزم جەمئىيىتىگە كەلگەندە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشىنىڭ بارغانسېرى راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەخسۇسلىشىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆلەم ۋە سەۋىيىگە يەتكەن. ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىنىڭ خاراكتىرى بىلەن رولى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن ئوخشاش بولمىغان، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە، ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئانتاگونىيىلىك خاراكتىرى ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەك ئىش تەقسىماتى، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىش تەقسىماتى، شەھەر بىلەن يېزا ئىش تەقسىماتى قاتارلىقلارنى سىنىپىي ئانتاگونىيىلىك خاراكتىرگە ئىگە قىلغان. بۇ چاغدا، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ھەم ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە ئىلىم - پەن مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان، ھەم كۆپىنچە تەبىقە، سىنىپلارغا بۆلۈنۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن كەسىپ (ياكى ئىجتىمائىي ئورنى) نىڭ مەلۇم مىراسخورلۇق، مۇقىملىشىشنى پەيدا قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق راۋاجلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان. سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار يوقىتىلىپ، ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈسى.