Uyghur主要词典
شەھلا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چوڭ قارا كۆز:
بۇ كۆڭۈل ئاشۇفتە يارنىڭ كۆزلەرى شەھلاسىغە،
نەھەدىم بار كىرگەلى ئىزدەپ ئانىڭ مەئۋاسىغە.
موللا سالېھ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يېزت. نۇرلۇق، قارىغا مايىل كۆك ۋە چوڭ - چوڭ (كۆز ھەققىدە).
شەھلا كۆز.
نەزمىلەر پۈتتۈم كۆزى شەھلاغا، چىقمىدى يارىم ئۆيدىن تالاغا.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
چىرايلىق
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
چوڭ، قارا كۆزلۈك قىز؛ قارا كۆزلۈك گۈزەل قىز.