Chinese→Uyghur主要词典
摄关政治
دۇنيا تارىخى
نايىبلىق قىلغۇچى - كامپاكو سىياسىيسى
ياپونىيە قەدىمكى زاماندىكى ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇىىەغا نائىبلىق قىلغۇچى ياكى كامپاكو چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان بىر خىل سىياسىي شەكىل. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، پىڭئەننىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (Ⅸ - Ⅹ ئەسىرلەردە) فۇجىۋارا جەمەتى شىرەم تۇغقانلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ، نائىبلىق ياكى كامپاكو ئەمىلىنى مونوپول قىلىۋېلىپ، قانۇن - پەرمان تۈزۈمى ئاستىدا كۆپلىگەن ئېكىنزارلىقلارنى ئىگىلىۋېلىپ، مۇشتۇمزور ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن سىياسىي تۈزۈلمىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ تايكا يېڭىلىقىدىن كېيىن ناكاتسۇماكاما ئاشىكاغا گۇجىۋارا فامىلىسى ئىنئام قىلىنغان چاغدىن باشلانغان؛ ئۇنىڭ پۇشتى ماكوتوشۋا سىڭلىسىنى تېننو رېنمىڭ (810 - 850) غا ياتلىق قىلغان. كېيىن قىزىنى تېننو ۋېندې (827 - 858) غا ياتلىق قىلغان. مىلادى 858-يىلى مۇۋەققەت باشقۇرغۇچى، 686-يىلى نائىبلىق قىلغۇچىلىققا تەيىنلەنگەن؛ 887-يىلى كامپاكو بولغان. 969-يىلىغا كەلگەندە، فۇجىۋارا سانېيورى (900 - 970) يۇەن گاۋ مىڭ (914 - 982) نى سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، بىر جەمەت يالغۇز ئىگىلەش ۋەزىيىتىگە ئايلانغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، فۇجىۋارامچى (966 - 1027)، فۇجىۋارا يورىمىچى (992 - 1074) ھوقۇقنى تەنھا ئىگىلەپ، بۇ خىل سىياسىنى ئەڭ چېكىگە يەتكۈزگەن. 1068-يىلىدىن كېيىن تەختكە چىققان تېننو سەنتياۋنىڭ فۇجىۋارا جەمەتى بىلەن شىرەم تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھوقۇقى سەل ئاجىزلاشقان. 1086-يىلىغا كەلگەندە شاھىنشاھ بەيخې (1053 - 1129) كېڭەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نائىبلىق ۋە كامپاكولۇق چوڭ ھوقۇقىنى تارتىۋالغان. كېيىن فۇجىۋارا جەمەتى كۆپ ھاللاردا نائىبلىق قىلغۇچى ياكى كامپاكو ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي ھوقۇقى ئۇنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە يەتمىگەن.