Uyghur主要词典
شەفىئ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھىمايىچى، ۋاستىچى؛ شاپائەت قىلغۇچى:
خالىن ئىزدەپ داغ تاپتىم، زاتىن ئەيلەپ كۆپ شەفىئ،
چۈنكى شەيئۇللاھ چكېىپ سائىل دەرەم ئۆزرە تىلەك.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شاپائەت قىلغۇچى، تىلىۋالغۇچى؛ ۋاستىچى، ھىمايىچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: قىلىپ تىلغا ۋارىد مۇناجىتىنى، شەفىئ كەلتۈرۈپ ھەم ئەجدادىنى. (ئا. نىزارى).