—参考资料
شەبنەم
领域: ھاۋا رايى ۋە ئىقلىملارياز ۋە كۈز پەسىللىرى ئەتىگەن مەزگىلىدە، بىز دائىم بەزى ئوت - چۆپ ۋە يوپۇرماقلاردا پارقىراپ تۇرىدىغان كىچىك سۇ تامچىلىرىنى كۆرىمىز، مانا بۇ شەبنەم دېيىلىدۇ. قەدىمكى زاماندا، كىشىلەر شەبنەمنى باشقا ئاسمان جىسىملىرىدىن چۈشكەن گۆھەر سۇ دەپ قارايتتى، شۇڭا نۇرغۇن تېۋىپلار ۋە كىمىياگەرلەر شەبنەم سۈيىنى يىغىشقا ئەھمىيەت بەرگەنىدى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا ھەم «قېرىماسلىق كۇمۇلىچى» نى ياسىغانىدى. ئەمەلىيەتتە شەبنەم ئاسماندىن چۈشكەن بولماستىن، بەلكى يەر يۈزىدە شەكىللىنىدۇ.
شەبنەمنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىققىلى بولىدۇ. بىز سوغۇق ئىچىملىكنى ئىستاكانغا قۇيغان ۋاقتىمىزدا، ئىستاكاننىڭ سىرتقى يۈزىدە دەرھال بىر قەۋەت نېپىز سۇ تامچىسى ھاسىل بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىستاكاننىڭ سىرتىدىكى ئىسسىق ھاۋا ئىستاكان دىۋارى بىلەن ئۇچراشقان ۋاقىتتا سوۋۇپ تويۇنغان ھالەتكە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم سۇ پارى ئىستاكاننىڭ سىرتقى يۈزىدە كوندېنساتسىيىلىنىپ، كىچىك سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. ھاۋا ئوچۇق ۋە بۇلۇتسىز، شامال ئىنتايىن ئاجىز بولغان كېچىلىرى يەر يۈزىدىكى گۈل - گىياھ، تاش قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشى ھاۋانىڭكىدىن تېز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، تېمپېراتۇرىسى ھاۋانىڭكىدىن تۆۋەن بولىدۇ. بىرقەدەر ئىسسىق بولغان ھاۋا يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولغان بۇ ماددىلارغا يولۇققاندا تويۇنغان ھالەتكە يېتىدۇ ۋە بۇ ماددىلارنىڭ يۈزىدە كوندېنساتسىيىلىنىپ ئۇششاق سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىدۇ، مانا بۇ بىز دائىم كۆرىدىغان شەبنەم. ئەگەر كېچىسى سەللا شامال چىقسا، سۇ پارىنىڭ كوندېنساتسىيىلىنىشى بىلەن قۇرغاقلىشىپ كەتكەن ئەسلىدىكى ھاۋانى ئۇچۇرۇپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىللىق نەم ھاۋا ئۈزلۈكسىز كىرىپ تولۇقلىنىپ تۇرىدۇ - دە، تېخىمۇ چوڭراق بولغان شەبنەم تامچىلىرى شەكىللىنىدۇ.
شەبنەم زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ناھايىتى پايدىلىق، بۇنىڭ سەۋەبى، تومۇز ياز كۈنلىرى، كۈندۈزى زىرائەتلەرنىڭ فوتوسېنتىز رولى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆپ مىقداردىكى سۇنى پارلاندۇرۇۋېتىدۇ - دە، يېنىك دەرىجىدە سولىشىپ قالىدۇ. كەچلىكى شەبنەمنىڭ سۇ تولۇقلاپ بېرىشى بىلەن زىرائەتلەر قايتىدىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نەم ھاۋا زىرائەتلەرنىڭ توپلىغان ئورگانىك ماددىلىرىنى ئايلاندۇرۇشى ۋە توشۇشىغا پايدىلىق.
例句
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقىدا چۈشكەن شەبنەمنى سۆيگىنىمدە، بىر خىل پاكىزلىقنى ھېس قىلىمەن.
翻译: When I love the dew fallen on the leaves of plants, I feel a kind of purity.
参考资料
领域: ئۇيغۇر ئەسەرلىرىبۇ، زوردۇن سابىرنىڭ تۇنجى ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980 - يىل 7 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ 80 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا يازغان <تاغ كەينىگە ئۆتكىچە>، <باھار بوۋاينىڭ كۈنلىرى>، <تۆھپە>، <كومبايىن>، <ئورمان مۇھاپىزەتچىسى>، <ئەپۇ>، <دولان ياشلىرى>، <قوبۇلخانىدا> قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。