Uyghur主要词典
شاخلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<بوت> شاخ، پۇتاق چىقارماق؛ شاخ ئايرىماق.
زاۋۇت، مەكتەپ، دوختۇرخانىلار، قاتار كەتكەن چوڭ يولنى بويلاپ، يېشىل باغلار جەننەتتىن گۈزەل، بولدى بوستان كۆچەتلەر شاخلاپ.
كۆچمە. تارماق، بۆلەكلەرگە بۆلۈنمەك.
ئاقئۆستەڭ قاش دەرياسىدىن بۆلۈنگەندىن كېيىن غەربكە قاراپ يول ئېلىپ، كۈرەنىڭ ياقىسىغا كەلگۈچە ھەر يانغا قاراپ شاخلاپ كېتىدۇ.
كۆچمە. ئۇششاقلىماق؛ كۆپەيمەك، ئاۋۇماق.
ئۇ تىل توغرىسىدىكى تېمىغا كەلگەندە، بەكلا شاخلاپ كەتتى.