Uyghur主要词典
شاۋقۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىدىن چىققان دولقۇننىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق پەيدا قىلغان تەسىرى.
تىنىقى يوقنىڭ ئۈنى يوق. تىل تاۋۇشلىرى - تىلنىڭ ئاۋاز قىسمى، ئۇ تىلنىڭ ماددىي پوستى ھېسابلىنىدۇ. ئەسكى چاقنىڭ ئاۋازى ھەممىدىن قاتتىق چىقىدۇ. خەلقنىڭ ساداسى - تەڭرىنىڭ ساداسى. بۇ گۈمبەز ئاستىدا ياڭرات خۇش سادا، نېمىنى دېسەڭ ئۇ قايتۇرار ساڭا. شۇ ئان تاغدىن <كىمسەن> دېگەن نىدا كەپتۇ. سەس چىققاندا سەل تىتىرىگەنىدى. قاتتىق قارىغاي سۇرىنى ھەربىر قارىغايدىن چىققان. بىر قوڭغۇراق كۆپەيسە، شاۋقۇن كۆپىيەر.
پسىخولوگىيە
بۇ جىسىمنىڭ تەرتىپسىز (دەۋىرسىز) تەۋرىنىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز. شاۋقۇننىڭ تولىسى ساپ بولماستىن، مۇزىكىلىق ئاۋاز ئارىلاشقان بولىدۇ. شاقۇن كىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق جەھەتلىرىگە تەسىر قىلىدۇ؛ بەزىسى ۋاقىتلىق تەسىر بولۇپ، ئاڭلاش سەزگۈسىگە كاشىلا قىلىدۇ. بۇ ھال كىشىنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر قىلغانلىقتىن، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلەش زۆرۈر بولغان ئىشلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. يەنە ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە جىددىيلىشىش رىئاكسىيسىنى قوزغاپ، تومۇر سوقۇشى، قان بېسىمىدا ۋاقىتلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. كۈچلۈك شاۋقۇن كىشىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ۋاقىتلىق يامانلاشتۇرىدۇ، بۇنى ساقايتىش ئۈچۈن بىر - ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بەزى شاۋقۇنلار كىشىنىڭ قولىقىنى مەڭگۈلۈك گاس قىلىپ قويىدۇ. شاۋقۇن ئۇزۇن مەزگىل تەسىر قىلسا، كىشىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ، ياكى كەسپى گاسقا ئايلىنىدۇ، ياكى يۈرەك - تومۇر بىلەن ھەزىم سىستېمىسىدىكى كېسەللىك نىسبىتى ئاشىدۇ. شاۋقۇن يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە باشقا نېرۋا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى قوزغايدۇ. دىمەك، شاۋقۇن زىيانلىق، مۇھىتنى كۆكەرتىش شاۋقۇندىن ساقلىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شاۋقۇن ھەممىلا كىشىگە بىردەك تەسىر قىلمايدۇ. 85 - 95 دېسىبېل بولغان شاۋقۇن ھەممىگە بىردەك قاتتىق تەسىر قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈرلۈك نەرسىلەردىن چىققان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن پەيدا بولۇپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ كەتكەن كۈچلۈك ئاۋاز؛ ۋاڭ - چۇڭ.
شاۋقۇن سالماق.
جىددىي تالاش - تارتىش، جاڭجال، شاۋقۇن - سۈرەن.
مۇنچە شاۋقۇن بىزدە بولۇپ باقمىغان، قاراڭ.