Uyghur主要词典
شاراب
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق، مېۋىگە ئوخشاش كراخماللىق، شېكەرلىك ماددىلارنى ئېچىتىپ ياسالغان ئىچكۈلۈك، ئىسپىرتلىك بولىدۇ، كۆپ ئىچسە مەست قىلىدۇ، تۈرى كۆپ، بۇلار ئومۇمىي ناملىرى.
ئىچىملىك ئىچىشتە فرانسۇزلار دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 1989 - يىلى فرانسۇزلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 73 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىكنى ئەڭ ئاز ئىچىدىغىنى ياپونلار بولۇپ، شۇ يىلى ياپونلارنىڭ ئىچكەن ئىچىملىكى كىشى بېشىغا 6.1 لىتردىن توغرا كەلگەن. ئىچىملىك ئىچىش زەھەر ئىچىش دېمەكتۇر. ئەقىل تاشنى يارىدۇ، ھاراق باشنى يارىدۇ. ھاراققا بېرىلگەن قەبرىسىنى ئايلىنار. مەي تىلنىڭ تىزگىنىنى بوشىتىۋېتىدۇ. ئىچتىم شاراب بولدۇم خاراب. نەغمىسىز شاراب - قامچىسىز ئازاب. < شارابقا قاندىم> دېگۈچە،< چاتاققا قالدىم> دە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يەرلىك ئۇسۇلدا ئىشلەنگەن، گرادۇسى تۆۋەن ياكى ناھايىتى ئاجىز بولغان بىر خىل ھاراق، مەي.
شاراپ ئىچمەك.