Uyghur←Chinese主要词典
شاقاقۇل
ئۇنىۋېرسال,ئۆسۈملۈك
玉竹
yù zhúDئۆسۈملۈك
黄精
huáng jīngDئۆسۈملۈك
山捣臼
shān dǎo jiùDئۆسۈملۈك
萎香
wěi xiāngDئۆسۈملۈك
萎移
wěi yíDئۆسۈملۈك
老虎姜
lǎo hǔ jiāngDئۆسۈملۈك
玉竹黄精
yù zhú huáng jīngDئۆسۈملۈك
紫竹
zǐ zhúDئۆسۈملۈك
黄鸡菜
huáng jī càiDئۆسۈملۈك
铃铛菜
líng dang cài
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
玉竹
yù zhú
بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، يىلتىزسىمان
غولى گۆشلۈك كېلىدۇ. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاقۇچ، قوڭغۇراق شەكلىدە، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ،
شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولۇپ، پىشقاندا قارىيىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا، يىلتىزسىمان غولىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى كۆپەيتىش ۋە قۇيۇلدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش، توسالغۇلارنى
ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەمنى تازىلاش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازان ۋە يۈرەكنى قىزىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
شاقاقۇلنى ھەسەل بىلەن مۇراببا قىلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى ۋە مەنىي ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاقاقۇلنى يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، سۈت بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سۈت كۆپەيتىدۇ.
شاقاقۇلنى قايناق سۇغا چىلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، دىئابېت كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شاقاقۇلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا، باھ ئاجىزلىقى، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، كۆپ ئېھتىلام بولۇش، سۈت ئازلىق قاتارلىقلارغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.