Chinese→Uyghur主要词典
沙普尔一世
دۇنيا تارىخى
شاپۇر Ⅰ
(مىلادى ؟ - 272) ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (241 - 722). ئەردەشىر Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە، ئىزچىل ھالدا رىم ئىمپېرىيىسى بىلەنقارشىلىشىپ كەلگەن. مىلادى 241 - 242 - يىللىرى مېسوپوتامىيىدىن ئۆتۈپ ئانتىيوك شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا دېڭىزغا قەدەر يېتىپ بارغان. 243 - يىلى رېسېنادا رىم ئىمپېراتورى گوردىئان Ⅲ (238 - 243 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. 256 - يىلى يەنە بىرقېتىم رىم ئىمپېرىيىسىگە يۈرۈش قىلغان. 260 - يىلى ئېدىسا (ھازىرقى تۈركىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرفا)دا رىم قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، رىم ئىمپېراتورى ۋالېرىئان (253 - 260 - يىللىرى تەختتە بولغان) ۋە ئۇنىڭ 70 مىڭ ئوفىتسېر -ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان. 262 - يىلى، سۈرىيىدە باش كۆتۈرگەن پالميرا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى ئودېنات (؟ - 267) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختى كېتېسفون بىر مەزگىل قولدىن كەتكەن. كېيىنكى مەزگىلدە غايەت زور جامائەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان. مانى دىنىنى قوغداپ قالغان.