شاپⅡ[سۆز تۈركۈمى:] تەقلىد سۆز.[يەشمىسى:] ① يۇمشاق بىرنەرسىنىڭ ئىككىنچى بىرنەرسىگە تېزلىك بىلەن تېگىپ چاپلىشىشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز:[مىسال:] ئۇ چاغدا ئىستاتورغا «شاپ» قىلىپ دەسسەيمىز-دە، گۈركىرىتىپ كېتىۋېرىمىز.[يەشمىسى:] ② گۆش قاتارلىق بەزى تاماقلارنى چاينىغاندا، ئېغىزدىن چىققان ئاۋاز:[مىسال:] ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەتتا غىزا چايناشلىرىنىمۇ ئاڭلىغىلى بولاتتى، بەزىلىرى چىپ-چاپ قىلىپ قاتلىما چايناۋاتاتتى، بەزىلىرى ھېلى شاپ، ھېلى شۇپ قىلىپ، خۇشياقمىغان ھالدا گۆش چايناۋاتاتتى.