Chinese→Uyghur主要词典
珊瑚化石
بىئولوگىيە
مارجان تاش قالدۇقلىرى
قەدىمكى مارجان قۇرتلىرىنىڭ كالتسىيلىق سۆڭەكلىرىنىڭ تاشلىشىش رولىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ساقلىنىپ قالغان، تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى. سىرتقى شەكلى يالغۇز تەنىلىك ۋە كولونىيىلىكلىرى دەپ ئايرىلىدۇ. مارجان قۇرتى ئۈچەي قورساقلىق ھايۋانلارغا تەۋە بولۇپ، دېڭىزدا ياشايدۇ، يالغۇز ياكى كولونىيىلىشىپ ھايات كەچۈرىدۇ، قۇرت تېنىنىڭ سىرتىدا كالتسىي ماددىلىق سۆڭىكى بولىدۇ، سۆڭىكىنىڭ شەكلىگە ئاساسەن رۇگوسا، گېكساكوراللار، تابۇلاتا، گېليولىت قاتارلىق تۆت چوڭ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. كېمبېرىي دەۋرىدىن تۆتىنچى ئېراغىچە بولغان يەر قاتلاملىرىدىن تارقالغان. نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىنىڭ تارقىلىشى كەڭ، ياشاش ۋاقىت چېكى قىسقا بولۇپ گېئولوگىيىلىك تارىخقا ئايرىشتىكى مۇھىم تاش قالدۇق ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، رۇگوسا ئوتتۇرا ئوردوۋىك دەۋرىدە پەيدا بولۇشقا باشلاپ ئىككىلەمچى دەۋردە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. دېۋون دەۋرى ۋە تاش كۆمۈر دەۋرلىرىدە بولسا تازا ئەۋج ئالغان. ئۇنىڭ بەزى تۈرلىرىنى ئۆلچەملىك تاش قالدۇق قىلىشقا بولىدۇ. مارجان سۆڭەكلىرى يەر پوستلۇقىنىڭ شەكىللىنىشىدىمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغان. گىئولوگىيە ساھەسىدە ھاك (كالتسىي) ماددىلىق مارجان سۆڭەكلىرىنىڭ ھاك تېشى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، بۇنداق ھاك تېشى مارجان ھاك تېشى دېيىلىدۇ. بۇنداق ھاك تېشى بولغان جايلارنىڭ مىليونلىغان يىللار ئىلگىرى ئىللىق تېيىز دېڭىزلار ئىكەنلىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى. قەدىمكى مارجان خادا تاشلىرى ۋە ھازىرقى زامان مارجان خادا تاشلىرى نېفىت ساقلاش قاتلىمىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، شۇڭا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.