Uyghur主要词典
شان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەدىر - قىمەت، مەرتىۋە، دەرىجە:
ھۆرمەت، ئىززەت:
1. ھەر كىشى شانىنكى رەفېئ ئەيلەدى،
ئەمرىغە ئالەمنى موتې ئەيلەدى.
نەۋايى.
2. رىئايە قىلاي ئولچە ئىمكانىدۇر،
ئانىڭدەك سەرەفرازلەر شانىدۇر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياغلىق، رومال. ئۇلۇغلۇق، مەرتىۋە، دەرىجە، شۆھرەت، قەدىر: ئالىي شان - يۇقىرى دەرىجىلىك، ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك؛ ئەزىم شان - ئۇلۇغ مەرتىۋىلىك؛ ئەڭ قەدىرلىك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
نومۇس، ئىزا، ئاھانەت، ئىزا - ئاھانەت، ئار - نومۇس
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
شىۋىلەر
لوپنۇر شىۋىسى
بەلگە. مەسىلەن:
تەلۋىلەرنىڭ شانىغۇ،
ھەردەم يەرشان سۆزلىمەك.
بۇ ساڭا ئادەت بولامدۇ،
ئۆتكەن ئىشنى تەگىمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ياخشى ئىشلار بىلەن ئېرىشكەن ھۆرمەت، شەرەپ، ئابرۇي، شەۋكەت؛ نام، داڭق، شۆھرەت.
بارار دولقۇن يېرىپ ئۆرلەپ بۈيۈك ئارزۇدا ھەمراھىڭ، كېلەمدۇ شان يەنە قولغا، يېرىم يولدا ھېرىپ قالساڭ.