Chinese→Uyghur主要词典
沙立
دۇنيا تارىخى
سارى
(1908 - 1963) تولۇق ئىسمى سارى تانارات. تايلاند زۇڭلىسى (1959 - 1963). قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي باش قوماندانى، دۆلەت سوتسىيالسىتلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى. 1929 - يىلى تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيسى ئوفىتسىرلار مەكتىپىنى تۈگىتىپ، ئۇزاق ۋاقىت قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1947 - يىلى لۇاڭپىبۇل قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقان. 1955 - يىلى مارشاللىققا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىككىنچى يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1957 - يىلى قوراللىق قىسىم باش قوماندانى بولغان. شۇ يىلى 9 - ئايدا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، لۇاڭپىبۇل ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، قوراللىق قىسىم ئالىي باش قوماندانى بولغان. 1958 - يىلى يەنە بىر نۆۋەت سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئاساسىي قانۇننى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە ھەرقايسى پارتىيىلەر پائالىيىتىنى مەنئى قىلغان. <ئىنقىلاب ئۆمىكى> نى قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربىي، سىياسىي چوڭ ھوقۇقلىرىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان.