Uyghur主要词典
شايس قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1786 - 1787 - يىللاردا ئامېرىكا ماسساچۇست شتاتىنىڭ غەربىي قىسمىدا يۈز بەرگەن دېقانلار قوزغىلىڭى. بۇ قوزغىلاڭغا نامرات دېھقانلاردىن كېلىپ چىققان، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىدا خىزمەت كۆرسەتكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە كاپىتانى دانىئېل شايس (تەخمىنەن 1747 - 1825) رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. قوزغىلاڭ 1786 - يىلى كۈزدە پارتلىغان. مال - مۈلۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىدا باپباراۋەر بولۇپ پروگراممىسىنى ۋە بارلىق قەرزلەرنى بىكار قىلىش، خەلققە زىيانكەشلىك قىلىدىغان سوت مەھكىمىسى ۋە ئەمىر - پەرمانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلكىگە ئەمگەكچىلەر ئىگىدارچىلىق قىلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. قاتناشقۇچىلار تەخمىنەن 10 مىڭ كىشىگە يېتىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىپ، سوت مەھكىمىلىرىنى ۋەيران قىلغان؛ قەرزدارلىق ھۆججەتلىرىنى كۆيدۈرگەن؛ تۈرمىدىكى كەمبەغەللەر ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ،كونكورد، بوستون، ۋانست ۋە پرىنفېرد قاتارلىق جايلاردا يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان، كېيىن باستۇرۇلغان. قوزغىلاڭ قوشما شتاتلار ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، قوشما شتاتلار ئاساسىي قانۇنىنى تۈزۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.