Chinese→Uyghur主要词典
筛管
دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك
shāi guǎn
غەلۋىرلىك نەيچەDگىئولوگىيە
shāi guǎn
سېتكىلىق تۇرۇباDئۇنىۋېرسال
shāi guǎn
غەلۋىرسىمان نەيچە ) تۇرۇبا (
بىئولوگىيە
غەلۋىرسىمان قانال
ئۆسۈملۈكنىڭ ئەۋرىشىملىك قىسمى ئىچىدىكى ئورگانىك ماددىلار توشۇلىدىغان تۇرۇبىسىمان تۈزۈلۈش، ئۇ كۆپلىگەن ھۈجەيرە (غەلۋىرسىمان قانال مولېكۇلىلىرى) نىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ. ھەرقايسى ھۈجەيرىلەنرىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىغۇچى توسۇقتا كۆپلىگەن تۆشۈك (غەلۋىر تۆشۈكى) بولىدۇ، بۇ غەلۋىر تاختىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غەلۋىرسىمان قانىلىنىڭ يان تەرىپىدىمۇ غەلۋىرسىمان قانال مولېكۇلىلىرى تىرىك ھۈجەيرە بولۇپ، پروتوپلازما ۋە ۋاكۇلا بولىدۇ، ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىدا ئاقسىل خاراكتېرلىك ئالاھىدە سۇيۇقلۇق بولىدۇ، يېتىلگەن غەلۋىرسىمان قانال ھۈجەيرىسىنىڭ يادروسى بولمايدۇ. قوشنا ھۈجەيرىنىڭ پروتوپلازمىسى غەلۋىر تۆشۈكىدىن يىپسىمان ھالەتتە ئۆتۈپ ئۆزئارا باغلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ماددا توشۇلۇشقا پايدىلىق. غەلۋىرسىمان قانال قېرىغاندا غەلۋىر تاختىسىنىڭ يۈزىگە ماددىلار تىنپ قېلىپ، ئاخىرىدا غەلۋىرسىمان تۆشۈكى ئېتىلىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پروتوپلازمىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈزۈلۈپ غەلۋىرسىمان قانالنىڭ توشۇش رولى ئاخىرلىشىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غەلۋىرسىمان قانىلىدا قىش پەسلىدە توسۇق ماددا ھاسىل بولۇپ توشۇش رولى ۋاقتىنچە توختايدۇ، باھارنىڭ كېلىشى بىلەنلا توسۇق ئېرىپ كېتىپ توشۇش رولى يەنە ئەسلىگە كېلىدۇ. يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر ۋە ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك قاناللىق ئۆسۈملۈكلەردە تىپىك غەلۋىرسىمان قانال بولمايدۇ، پەقەت بىرئاز ئىپتىدائىي غەلۋىرسىمان ھۈجەيرە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى؛ ھۈجەيرىنىڭ ئىككى ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ، تىپىك غەلۋىر تاختىسى بولمايدۇ.