Uyghur主要词典
شاھىزىندا مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام بىناكارچىلىقىدىكى قەدىمىي يادىكارلىق بولۇپ، ئورنى سەمەرقەنتتە. تاجىكچە «شاھىزىندا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «تىرىك شاھ» دېگەنلىك بولۇپ، ئىسلام دىنى كىرىشتىن ئىلگىرى يەرلىكلەر تېۋىنغان ئەپسانە شەخسنى كۆرسىتىدۇ. كونا ئىمارەت ھازىر يوق. ئۇنىڭدىن ساقلىنىپ قالغان 13 قۇرۇلۇش (مەسچىت، قەبرىستانلىق، دەرۋازا قاتارلىقلار) نىڭ كۆپىنچىسى ⅩⅤ—ⅩⅣ ئەسىرلەردە ياسالغان، پەلەمپەيلىك يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشتۇرۇلغان. ئەمىر تۆمۈر دەۋرىنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى نادىر قۇرۇلۇش بولۇپ، رەڭلىك ساپال بىلەن زىننەتلەش ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان. ساپال بىلەن زىننەتلەشتە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ شىرداق نۇسخىلىرى قوللىنىلغان. مەسچىتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا ھەر خىل رەڭلىك ساپاللار چاپلانغان. زىننەتلەشتە سۈزۈك كۆك رەڭ ئاساس قىلىنىپ، سۇس قىزىل ساپال خىش بىلەن كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىنتايىن ماسلاشتۇرۇلغان. قۇرۇلۇشلار ئىچىدە ⅩⅤ—ⅩⅣ ئەسىردىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ مەقبەرىلىرى ئۆزگىچە مىمارچىلىق شەكلىدە ياسالغان ۋە چىرايلىق زىننەتلەنگەن. بۇلار ئوتتۇرا ئاسيانىڭ بىناكارلىق سەنئىتىدە گەۋدىلىك ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.