Chinese→Uyghur主要词典
沙皇特辖区制
دۇنيا تارىخى
چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون تۈزۈمى
چارروسىيە پادىشاھى ئىۋان Ⅳ نىڭ كىنەزلەر (چوڭ ئاقسۆڭەكلەر) نىڭ خوجىلىق زېمىنىغا قارىتا قوللانغان بىر خىل تەدبىرى. ئۇنىڭ مەقسىتى فېئودال تەپرىقچىلىكىنى تۈگىتىش، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىنى زەئىپلەشتۈرۈش، ئۆزىنى قوللىغان ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يەرگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش، چار پادىشاھىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت. <ئالاھىدە قاراشلىق تۈزۈمى> دېگەن بۇ تېرمىن (سىرت، ئالاھىدە مەنىسىدە) دىن ئېلىنغان بولۇپ، ئالاھىدە خوجىلىق زېمىنىنىڭ بىر قىسىم تەئەللۇقاتلىرىنى ئاجرىتىۋېلىش مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 1565-يىلى ئىۋان Ⅳ روسىيە زېمىنىنى ئىككى قىسىمغا بۆلگەن. يەنى:چوڭ ئاقسۆڭەكلەر باشقۇرۇشىدىكى رايون يەنى ئادەتتىكى رايون بولۇپ، بۇنى چار پادىشاھ رەھبەرلىكىدىكى چوڭ ئاقسۆڭەكلەر دوماسى باشقۇرىدىغان بولغان، ئاساسەن غەربىي قىسمى، غەربىي شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۈنۈمسىز ۋە چېگرا رايونلار؛ يەنە بىرى، چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون بولۇپ، بۇنى چارپادىشاھى ئۆزى باشقۇرغان، تۇپرىقى مۇبەت ۋە سۇ، قاتناش تەرەققىي تاپقان رايون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئەسلىدە مىراسخور - كىنەز بەگلەرنىڭ خوجىلىق زېمىنى. چار پادىشاھ بۇ جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، بۇنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگۈچى ئوتتۇرا، ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرگە بۆلۈپ بەرگەن. مىراسخور كىنەزلەر قولىدىن كەتكەن زېمىنىنى ئادەتتىكى رايونلاردىن تولۇقلىۋالغان، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ستېراتېگىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن مەھرۇم بولغان. بۇ تۈزۈم روسىيە چوڭ ئاقسۆڭەكلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. چوڭ ئاقسۆڭەكلەر جېنىنىڭ بارىچە قارشىلىق قىلغان، ئىۋان Ⅳ ئالاھىدە قاراشلىق ھەربىي پولكىنى تەشكللەپ، ئىنتايىن دەھشەتلىك تېررورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاقسۆڭەك ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ 70 ـ يىللىرىنىڭ باشلىرى چارروسىيە خەلقئارا كۈرەشتە يېڭىلىپ قالغان. 1571-يىلى ئالاھىدە قاراشلىق ھەربىي پلكتا توپىلاڭ يۈز بەرگەن. ئۇلار قىرىم خانلىقىنىڭ خانى دېۋېلت گرىېي (؟ - 1577) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە قاراشلىق ھەربىي پولك بىكار قىلىنغان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئىۋان Ⅳ فېئودال تەپرىقىچى قالدۇق تەسىر كۈچلىرىنىڭ تازىلانغانلىقى، بارلىق فېئوداللار بىلەن بىرلىشىپ بىرلىكتە سىرتقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، 1572-يىلى <چار پادىشاھىغا ئالاھىدە قاراشلىق رايون> دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۇنى پادىشاھلىق <قورۇق> قا ئۆزگەرتكەن. ئالاھىدە قاراشلىق رايون تۈزۈمىمۇ پەيدىنپەي بوشىشىپ قالغان. 1584-يىلى بىكار قىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغان.