Uyghur主要词典
شاھ جاھان
دۇنيا تارىخى
(1592 - 1666) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمدارى (1627 - 1658). جاھانگىرنىڭ ئوغلى. ئەسلى ئىسمى خۇررام بولۇپ، تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىسمىنى شاھ جاھانغا ئۆزگەرتكەن. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئىسياننى باستۇرۇپ، ئوغلى ئەۋرەڭزىپنى دېكاننىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن، ئىراندىكى سافاۋىلار خاندانلىقى بىلەن ئۇزاق ئۇرۇش قىلىپ، ئافغانىستاننى تالاشقان. دىنىي سىياسەتتە ئىسلام دىنىدىكىلەرگە يان بېسىپ، ھىندىدىنىدىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغان، بولۇپمۇ كاتولىك دىنىغا قارشى تۇرغان. 1631 - يىلى، بېنگال باش ۋالىيسىغا بۇيرۇق بېرىپ، بېنگالدا زوراۋانلىق قىلغان پورتۇگاللارنى قوراللىق باستۇرغان. قەدىمكى پايتەختى ئاگرادا ئۆلگەن بانۇسى ئۈچۈن ھەيۋەتلىك مەقبەرە (بانۇ تاج ماھال مەقبەرىسى) سالدۇرغان. كېيىنكى يىللىرى ئۇنىڭ تۆت ئوغۇللىرى ئوتتۇرىسىدا پادىشاھلىق تەختىنى تالىشىش يۈز بەرگەن. 1658 - يىلى ئەۋرەڭزىپ تەرىپىدىن نەزەربەنت قىلىنغان.