Uyghur←Chinese主要词典
شاھ فىلىپنىڭ ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
腓力王之战
féi lì wáng zhī zhàn
شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ 1675 - 1676 -يىللاردا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇشقا ۋامپانوئاگ قەبىلىسىنىڭ باشلىقى مىتاكوم ياكى شاھ فىلىپ (؟ - 1676) رەھبەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئان قەبىلىلىرىنى قورال تاپشۇرۇشقا مەجبورلىغان ھەمدە ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغان. 1675 - يىلى 6 - ئايدا، شاھ فىلىپ نارراگانسېتت، نىپمۇككس قاتارلىق ئىندىئان قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. شاھ فىلىپنىڭ تەسىر كۈچى كوننېكتىكۇت ۋە رودې ئارىلىغىچە كېڭەيگەن. كېيىن ئەنگىلىيە ياردەمچى قوشۇن ئەۋەتكەن. 1676 - يىلى 4 - ئايدا نارراگانسېتت قەبىلىسىنىڭ باشلىقى كانونچېت (؟ - 1676) ئۆلتۈرۈلگەن. 8 - ئايدا شاھ فىلىپ قازاغا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش مەغلۇپ بولغان. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئانلارنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى بېسىۋالغان ھەمدە ئىندىئانلارنى كۆپلەپ قىرغان.