Uyghur主要词典
شاھ فەيسال مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
پاكىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ، ئورنى ئىسلامئابادتىكى ماگرا تېغىنىڭ باغرىدا. بۇ مەسچىتنى تۈركىيىلىك ئىنژېنېر ۋېدات دالوكاي لايىھىلىگەن. مەسچىتنى سېلىش 1965 - يىلى باشلىنىپ، 20 نەچچە يىلدا پۈتكۈزۈلگەن. مەسچىتكە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى فەيسال (1964 - 1975 يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ نامىدىكى فوند جەمئىيىتى ياردەم قىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 189 مىڭ 705 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. ئەنئەنىۋى مەسچىت سېلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئەكسىچە، چوڭ خانىقانىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدىغان چېدىر شەكلىدە سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە 13 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ، مەسچىت سەيناسىدا 200 مىڭ ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ، مەسچىتنىڭ سىرتىدىكى تۆت بۇلۇڭىغا ھەر بىرى 200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار سېلىنغان. مەسچىت تەۋەسىدە ئىسلام تەتقىقات ئورنى، باسماخانا، ئاشخانا، مۇزېي ۋە مەمۇرىي ئىشخانا قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئورگانلار ۋە مۇئەسسەسەلەر بار. مەسچىت پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاش بىلەن سېلىنغان، مەسچىتنىڭ كەينى يېشىللىق بىلەن پۈركۈنگەن تاغ بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.