Uyghur主要词典
شادلىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
خۇشاللىق، خۇرسەنلىك:
كى دەرد ئەھلىغە يەتتى بىدادلىق،
چۇمۇلك ئەھلىدە يوقتۇرۇر شادلىق.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رازى مەمنۇنلۇقتىن كۆڭۈل ئېچىلىش، كۆڭۈل كۆتۈرلۈش ھالىتى.
پۇل - مال كېتەر بوشلۇقتىن، پۇرسەت كېتەر خۇشلۇقتىن. خۇشاللىق ئازابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. خۇشاللىق بار يەردە، خاپىلىقمۇ بار. خۇشال _ خۇراملىق جاپادىن كېلىدۇ، جاپا چېكىشتىن كەلگەن خۇشال _ خۇراملىق ھەقىقىي بولىدۇ. كۆڭۈل شادلىقنى تىلەر، ئېغىز تاتلىقنى. شادلىق _ غەشلىكنىڭ ھەمشىرىسى. خۇرسەنلىك _ خورلۇقنىڭ يەمچۈكى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خۇشال - خۇرام كەيپىيات.
خاپىلىق، غەشلىك
خاپا كەيپىيات.
دانىشمەن خۇشاللىققىمۇ، خاپىلىققىمۇ غىڭ قىلماس. خۇشاللىق قايغۇنىڭ تام قوشنىسى. شادلىق غەشلىكنىڭ ھەمشىرىسى. تاغدەك ھەسرەتكە تېرىقتەك خۇشاللىق تەسەللى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خۇشاللىق، مەمنۇنلۇق خۇرسەنلىك، سۆيۈنۈش، خۇش بولۇش.
شادلىققا چۆممەك.
ھەرقانداق كۆڭۈل يېرىملىق، خاپىلىق كەلسە، رەنجىپ كەتمەي ئۆزۈڭنى چىڭ تۇتۇپ يۈرگىن، ئاخىرىدا شادلىق كېلىدۇ.