Uyghur主要词典
شاڭچۇدىكى شىگۇەن مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ جۇڭگودىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچۇ شەھىرىدىكى شىگۇەندە. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ مەسچىت يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا سېلىنغان. 1506 - يىلىدىن 1521 - يىلغىچە چوڭ رېمونت قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4 مىڭ 550 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىمارەتلىرى جۇڭگونىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ نامازخانىلىرى ئايرىم. شەرقىي خېنەندىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەشھۇر مەسچىتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ