Uyghur←Chinese主要词典
سىگىسمۇند
دۇنيا تارىخى
西吉斯孟
xī jí sī mèng
(تەخمىنەن 1368 - 1437) ۋېنگرىيە كورۇلى (1387 - 1437)؛ چېخ كورۇلى (1419 - 1421، 1436 - 1437)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ليۇكمسېمبۇرگ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى كورۇلى (1411 - 1437، 1433-يىلى تاج كىيگەن). ياش ۋاقتىدا ۋېنگرىيە كورۇلى لۇئىنىڭ قىزى، تەخت ۋارىسى مارىيەنى ئەمرىگە ئالغانلىقتىن، ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغان. 1396-يىلى گېرمانىيە، ۋېنگرىيە، چېخ، بۇلغارىيە، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى باشلاپ بايازېد Ⅰ باشچىلىقىدىكى تۈركىيە قوشۇنى بىلەن نىكوپول (ھازىرقى بۇلغارىيىنىڭ شىمالى) دا ئۇرۇش قىلىپ، بىرشمە ئارمىيە مەغلۇپ، ئۆزى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان. 1415-يىلى كونستانتىس دىنىي يىغىنىدا چېخ ۋەتەنپەرۋەرى خۇسقا زىيانكەشلىك قىلىشقا قاتناشقان. كېيىن يەنە پاپا بىلەن بىللە 1420 - 1431-يىللىرى بەش قېتىم ئەھلىسەلىپ تەشكىللەپ خۇس ھەرىكىتىنى باستۇرغان.