Uyghur←Chinese主要词典
سېگنوبوس
دۇنيا تارىخى
瑟诺博斯
sè nuò bó sī
فرانسىيىلىك تارىخشۇناس. پارىژ ئالىي سىفەن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1877 - 1879 - يىللاردا گېرمانىيىگە بېرىپ ئوقۇپ، رانكې ئىلمىي ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. 1879 - يىلدىن باشلاپ دىۋو داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1905 -يىلى پارىژ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. دەسلەپتە قەدىمكى زامان تارىخى ۋە ئوتتۇرائەسىر تارىخىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان، كېيىن يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشقابېرىلگەن. ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تارىخ دەرسلىكىنى يېزىش بىلەن ئابروي قازانغان ھەمدە لاۋىسسې باش تەھرىرلىكىدىكى <دۇنيا ئومۇمىي تارىخى> ۋە <فرانسىيەنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى>نى يېزىش خىزمىتىگە قاتناشقان. ئۇ دەلىلچىلىك كۆز قارىشىدىكى تارىخشۇناس بولۇپ، 1898 - يىلى لانگېلويا بىلەن بىرلىشىپ يازغان <تارىخ تەتقىقاتىنىڭ مۇقەددىمىسى>دېگەن ئەسىرىدە، تارىخنىڭ<تارىخىي ماتېرىيال>لاردىن پايدىلىنىدىغان پەن ئىكەنلىكى، تەكىتلەپ، تارىخ تەتقىقاتىنى تۆت قەدەمگە: تارىخىي ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش؛ پاكىتلارنى تۈرلەرگە ئايرىش؛ تارىخىي ماتېرىيالنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان بوشلۇقنى ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق تولدۇرۇش؛ تۈرلەرگە ئايرىلغان ماتېرىياللار ئىچىدىن <فورمولا>نى ئىلغاپ چىقىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا ئايرىش لازىم، دەپ قارىغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرى <مەدەنىيەت تارىخى>، <ئىككىنچى ئىمپېرىيەنىڭ زاۋال تېپىشى ۋە ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى>، <فرانسۇزلارنىڭ ھەقىقىي تارىخى> (خەنزۇچە تەرجىمىسى <فرانسىيە تارىخى> دەپ ئاتالغان)، <ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ سېلىشتۇرما تارىخى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.