Uyghur←Chinese主要词典
سىگنال سىستېمىسى
بىئولوگىيە
信号系统
xìnhàoxìtǒng
پاۋلوۋ ئېقىمىدىكىلەرنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسى. شەرتلىك رېفلېكسنى قوزغايدىغان شەرتلىك غىدىقلاشلارمۇ سىگنال دېيىلىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى شەرتلىك رېفلېكس ئورگان بولغاچقا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئاساسىي پائالىيىتى سىگنال پائالىيەتلىرىدىن ئىبارەت بولىدۇ. سىگنال ئىككى چوڭ خىلغا بۆلۈنىدۇ. بىر خىلى، رېئال بولغان كونكرېت سىگنال، مەسىلەن، تاماق (ئوزۇقلۇق) نىڭ شەكىل - كۆرۈنۈشى ۋە ھىد - پۇراقلىرى ئوزۇقلۇقنىڭ سىگنالى بولۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ رېستىپتورلىرىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، رېفلېكس پائالىيىتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رېئال سىگنالللىق رولىنى ئوينايدۇ. بۇ خىلدىكى سىگناللار بىرىنچى سىگنال دېيىلىدۇ. يەنە بىر خىلى رېئال سىگنال، لېكىن ئۇ يەنە يىغىنچاقلانغان ئابستراكت سىگنال بولۇپ، سۆز - ئىبارە ۋە يېزىقلارنى سىگنال قىلىپ رېفلېكس پائالىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، چىراغ يورۇقى بىلەن كىچىك بالىغا كەمپۈت يېگۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ ئوزۇقلىنىش خاراكتېرىدىكى شەرتلىك رېفلېكس شەكىللەندۈرگەندە، چىراغ يورۇقى كۆرۈلسىلا كىچىك بالا كەمپۈت يېتىشكە قول ئۇزارتىدۇ. بۇ يەردە چىراغ يورۇقى كەمپۈتنىڭ سىگنالىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇ بىرىنچى سىگنال ھېسابلىنىدۇ. كېيىن چىراغ يورۇتۇلماي پەقەت <چىراغ يورۇقى> دېگەن ئىككى سۆزلا ئېيتىلسىمۇ بالا كەمپۈت يېيىشكە قول ئۇزاتىدۇ. بۇ چاغدا <چىراغ يورۇقى> دېگەن سۆز چىراغ يورۇتۇشنىڭ سىگنالىغا ئايلانغان بولۇپ، بىرىنچى سىگنالنىڭ سىگنالى ھېسابلىنىدۇ، ياكى ئىككىنچى سىگنال دەپ ئاتىلىدۇ. چىراغ يورۇقى دېگەن سۆز ھەرگىز مەلۇم بىر كونكرېت چىراغ يورۇقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، بەلكى ھەر خىل، ھەر ياڭزا كونكرېت چىراغلار چىقارغان يورۇقلۇقنى، يەنى قىزىل، ئاق ۋە يېشىل قاتارلىق يورۇقلۇقنى يىغىنچاقلىغان، تېخىمۇ كەڭ تېخىمۇ چوڭقۇر ئابستراكت سىگنال ھېسابلىنىدۇ. ئابستراكت سۆز ۋە يېزىق سىگناللىرى كونكرېت بىرىنچى سىگنالنىڭ ئاساسىدا تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بىرىنچى سىگنالغا قارىتا رېئاكسىيە ھاسىل قىلىدىغان پوستلاق قەۋەت فۇنكسىيە سىستېمىسى بىرىنچى سىگنال سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئادەم ۋە ھايۋانلاردا ئورتاق مەۋجۇت؛ ئىككىنچى سىگنالغا قارىتا رېئاكسىيە پەيدا قىلىدىغان پوستلاق قەۋەت فۇنكسىيە سىستېمىسى ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى دېيىلىدۇ، بۇ ئادەملەردىلا بولىدىغان ئالاھىدە سىستېما بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغىچە بولغان ئېۋوليۇتسىيە باسقۇچىدا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئورتاق ئەمگەك قىلىش، ئۆزئارا ئالاقىلىشىش جەريانىدا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەن. ئىنسانلار بەلگىلىك مەنىگە ئىگە ئابستراكت سۆز - ئىبارە سىگناللىرى بولغاندىلا ئاندىن ئابستراكت تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيدۇ.
تاشيول قۇرۇلۇشى,تېببىي,ماشىنىسازلىق
信号系统
xìn hào xì tǒngDتەنتەربىيە
信号系
xìn hào xì
پوچتا - تېلېگراف
信号系统
xìn hào xì tǒng
پسىخولوگىيە
信号系统
xìn hào xì tǒng
بۇ سىگىناللىق تەسىر سىستېمىسى بىلەن ئۇنىڭغا ماس بولغان شەرتلىك رېفلېكس سىستېمىسىدىن ئىبارەت. كونكرېت شەرتلىك غىدىقلىغۇچ (مەسلەن، ئاۋاز، يورۇقلۇق، پۇراق قاتارلىقلار ) بىرىنچى سىگىناللىق تەسىر دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەمگىلا خاس بولغان تىل بىرىنچى سىگىناللىق تەسىر ئورنىدا شەرتلىك رېفلېكس پەيدا قىلالايدۇ. مەسلەن: « يولۋاس دېسە، ئادەمنىڭ ئۆڭى ئۆچىدۇ»، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل بىرىنچى ئۈچۈن تىل « سىگنالنىڭ سىگنالى» بولۇپ، «ئىككىنچى سىگنال» دەپ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى سىگىناللىق تەسىر بىلەن ئۇنىڭ رولى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن شەرتلىك رېفلېكىستىن ئادەم بىلەن ھايۋانغا ئورتاق بولغان « بىرىنچى سىگنال سىسىتىېمىسى» تەشكىل تاپىدۇ؛ سۆز ئىبارە بىلەن ئۇنىڭ تەسىرىدە بەرپا بولغان شەرتلىك رېفلېكستىن ئىنسانغىلاخاس بولغان « ئىككىنچى سىگنال سىسىتېمىسى » تەشكىل تاپىدۇ. دىمەك ئادەمنىڭ ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى بار. بىرىنچى سىگنال سىسىتېمىسى رىئاللىقنى سەزگۈ - ئىدراك شەكلىدە بىۋاستە ئەكس ئېتىشىنىڭ فىزىئولوگىيلىك ئاساسى. ئىككىنچى سىگنال سىستېمىسى نۇتۇق بىلەن تەپەككۈرنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاساسى. ئادەمدىكى ئىككى خىل سىگنال سىستېمىسى ئۆزئارا يېقىن باغلىنىشلىق بولۇپ، دائىم ئۆزئارا ماسلىشىپ رول ئوينايدۇ. ئىككنچى سىگنال سىستېمىسى بىرىچى سىگنال سىستېمىسى ئاساسىدا ھاسىل بولىدۇ ( « شەرتلىك رېفلېكس» كە قاراڭ).