Uyghur主要词典
سىگنال
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<نېمىسچە
بىرەر مەلۇمات، بۇيرۇق، خەۋەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بېرىلگەن ئاۋاز، شەپە، نۇر، شەرتلىك بەلگە ۋە ئىشارە قاتارلىقلار.
ماشىنا سىگنالى. جەڭ سىگنالى. سىگنال چىرىغى.
ئېلېكتر زەنجىرىدىكى باشقا بۆلەكلەرنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان توك، توك بېسىمى ياكى رادىئو تارقاتقۇچى ئاپپارات تارقاتقان ئېلېكتر دولقۇنى.
رادىئو سىگنالى.
كۆچمە. ئاگاھلاندۇرۇش.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭ خەتلىك گېزىتى سىزگە نىسبەتەن بىر سىگنال.