Uyghur主要词典
سېغىنىش
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، كوللېكتىپ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، مىللەتلەر نەشرىياتى 1984 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا تېيىپجان ھادىنىڭ <پالۋان كەلدى>، قەييۇم تۇردىنىڭ <گۈلزارلىق ھويلىدىكى كىشلەر>، جاپپار قاسىمنىڭ <ھازازۇل>، ئەخەت تۇردىنىڭ <ئۇ، يولۋاستىن چۈشتى>، مۇھەممەت باغراشنىڭ <ساۋاب>، قاھار جېلىلنىڭ <چاكار>، توختى ئايۇپنىڭ <ۋېسال كېچىسى>، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ <يىراقتىن يېزىلغان خەت> قاتارلىق 16 پارچە ھېكايە كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، مۇھەممەت رەھىمنىڭ شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1993 - يىل 9 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا شائىرنىڭ <ياغاچ قازان>، <شېئىرىم ئاق باغلىدى>، <سەنمۇ پارلىغان يۇلتۇز>، <بەڭ كېچىككەن مەرسىيە> قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن بىر تۈركۈم رۇبائىيلىرى كىرگۈزۈلگەن.