Uyghur主要词典
سىغىنماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تېۋىنماق، سەجدە قىلماق؛ ئۈمىد بىلدۈرمەك؛ ئىخلاس قىلماق:
ياقىنراق سىغىندى ۋىسال ئىستەبان،
ۋىسال ئەۋجىغە ئىتتىسال ئىستەبان.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق ئېتىقاد قىلماق، ئىززەت _ ھۈرمەت قىلماق.
تولۇن ئايغىمۇ كۈندىن ئارتۇق چوقۇنما. تەڭرىگە سېغىنغان تەڭرىگە باقار. تەڭرىگە تىۋىنىدۇ، شەيتانغا يېلىنىدۇ. ئاللادىن باشقىغا سەجدە قىلىش يوق. باش قويماق تەمەدىن بولىدۇ. زالىم ھۆكۈمراننىڭ ئايىغىغا باش قويغاننىڭ بېشىنى ئال. بەزىلەر چوڭلارنىڭ ئايىغىغا سەجدە قىلغۇسى كېلىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ مەنسەپ تەمە قىلىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قوغدىماق، ئاسرىماق